ئامېرىكا -ئافغانىستان 2014‏-يىلدىن كېيىنكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق لايىھىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي، ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئامېرىكا قىسىملىرى 2014‏-يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىنكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كېلىشىمگە ئاساسەن 2014‏-يىلى ئامېرىكا قىسىملىرى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا 2024‏-يىلغىچە داۋاملىق ئافغانىستاندا ھەربىي بازىسىنى ساقلاپ قالىدۇ.

بىراق ئافغانىستان پرېزىدېنتىنىڭ باياناتچىسى ئايمال فەيزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كېلىشىمدە 2014‏-يىلدىن كېيىن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ پەقەت پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللاردا ئولتۇراق رايونلاردا ھەربىي ھەرىكەتكە قاتنىشىشىغا يول قويۇلغان.

ئافغانىستان ئاقساقاللار مەجلىسى -لويا جىرغا پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر كېلىشىم لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كابۇلدا توپلانغان. ئافغانىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قەبىلە ئاقساقاللىرىدىن تەشكىل قىلىنغان لويا جىرغا ئەزالىرى جۈمە كۈنى داۋاملىق مەزكۇر كېلىشىم لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

مەزكۇر كېلىشىم ئافغانىستان پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بىراق، پرېزىدېنت ھامىد كارزاي، مەزكۇر كېلىشىم لويا جىرغىنىڭمۇ تەستىقىدىن ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىپ، لويا جىرغا ئەزالىرىنى توپلىغان. بىراق كېلىشىمنى قاچان تەستىقلاش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ يۈز بەرگەندى.

ئامېرىكا مەزكۇر كېلىشىمنىڭ بۇ يىل ئىچىدە تەستىقلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، كېلەر يىلغا قالماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

بىراق، كارزاي بۇنىڭغا قارشى چىققان. كارزاينىڭ باياناتچىسى ئايمال فەيزى، بۇنىڭغا قەرەل بېكىتمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئوباما ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك كېلىشىمى بولمىسا، كېلەر يىلى ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندىكى بارلىق قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.