خىتاي ئارمىيىسى ئافغانىستاندا چارلاش ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئىنكار قىلغا

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ھىندىستاننىڭ WION ناملىق بىر خەۋەر تورى بىر پارچە رەسىملىك خەۋەر تارقىتىپ، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا توغرا كېلىدىغان ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارى بىلەن چېگرىلىنىدىغان كىچىك پامىر رايونىدا خىتاي خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، خەۋەرنىڭ پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ياڭ يۈجۈن سۆزىدە يەنە، خىتاي-ئافغانىستان ئىككى تەرەپنىڭ تېررولۇققا ۋە چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەرگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى كېلىشىملىرىگە ئاساسەن بىر قىسىم ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئەمما ئېنىق دېتاللىرى ئۈستىدە توختالمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خەۋەرنى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىمۇ ئوخشاشلا ئىنكار قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئۆزىنىڭ چېگرا رايونى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يۇرتى بولغان شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.