ئەيدىز ئافرىقا ئۆسمۈرلىرىنىڭ جېنىغا ئەڭ كۆپ زامىن بولۇۋاتقان كېسەلگە ئايلانغان

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئەيدىز ئافرىقىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ جېنىغا ئەڭ كۆپ زامىن بولۇۋاتقان كېسەلگە ئايلانغان.

ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئافرىقىدا ئەيدىز بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان 10 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ سانى 2000 - يىلدىكىگە قارىغاندا 3 ھەسسە كۆپەيگەن.

ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى ئەيدىز بۆلۈمى دىرېكتورى كرەيگ مېكلۇرې ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە قەدەم قويغاندا داۋالاش يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئافرىقىدا ئەيدىز بىلەن تۇغۇلمىغان بالىلارمۇ خەۋپ ئاستىدا بولۇپ، ئۇلار ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرىگە يولۇقىدىكەن.

نۆۋەتتە ئافرىقا قىتئەسىدە 15 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان ياشلاردىن ھەر سائەتتە 26 سى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىدىكەن. بۇلارنىڭ 70 پىرسەنتىنى قىزلار ئىگىلەيدىكەن.

بۇنىڭ ئارقىسىدا جىنسىي ساغلاملىق تەربىيەسى بېرىلمەسلىك ۋە كىچىك توي قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەرمۇ بار ئىكەن.

نۆۋەتتە ياشلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىش ھادىسىلىرىنىڭ 60 پىرسەنتى سەھرايى كەبىرنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى دۆلەتلەردە كۆرۈلىدىغان بولسا، ئامېرىكا، ھىندىستان، ھىندونېزىيە ۋە بىرازىلىيە قاتارلىق ئەللەردە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ھادىسىسى جىددىي ئۆرلىمەكتە ئىكەن.

24 - نويابىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە دائىرىلىرى ئېلان قىلغان يېڭى ستاتىستىكىدا، بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان ئەيدىز يۇقۇمدارىلىرى ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 38 مىڭ 283 كە يەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئۇنىڭدا يەنە بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىمۇ بىر قەدەر تېز بولغانلىقى، پەقەت ئالدىنقى 10 ئاي ئىچىدىلا 3 مىڭ 890 نەپەر يېڭى ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.