ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ۋە دىپلوماتلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر زىيارەت ئۆمىكى 2-فېۋرال ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زىيارەت ئۆمىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلەنگەن خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇسى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» 3-فېۋرال بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ «بۇ رايوننىڭ تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى ۋە خىتاينىڭ يوللۇق مەيدانىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.
بۇ ئۆمەكنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەسىللىك يىغىنى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان، يىغىندا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشى پەرەز قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولۇشى دىققەت قوزغىدى. مەزكۇر زىيارەت ئۆمىكىگە قاتناشقان ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا زىچ باغلانغان، شۇنداقلا ب د ت دا خىتاينى قوللاپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسى مەزكۇر زىيارەت ئۆمىكىدىكى بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمىدە رەت قىلىنغان ئىدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، زىيارەت ئۆمىكى سېنىگال، بېنىن، مالى، رۋاندا، ماداگاسكار، مالاۋى، ئۇگاندا، لىساتتو، چاد قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچى ۋە دىپلوماتلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىكەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، ما شىڭرۇي زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېگەن: «بۇ زىيارەت ئارقىلىق كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى، تەرەققىياتنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى، كىشىلەرنىڭ تىنچ ۋە قانائەت ئىچىدە ياشاش ۋە ئىشلەشتىكى ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. سىلەرنىڭ شىنجاڭدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىڭلارنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.»
ھالبۇكى، چەت ئەل ئانالىزچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ زىيارەت غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىش تىرىشچانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك پائالىيىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.