خىتاي سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي قىسقا فىلىم ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى مازاق قىلدى

خىتاي سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي ئۆزىنىڭ 81 كۈنۈك تۇتقۇن ھاياتىنى قىسقا فىلىم قىلىپ ئىشلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مازاق قىلدى.

چارشەنبە كۈنى ئىنتېرنېتەتكە چاپلانغان «دۆت ئېشەك» ناملىق فىلىم دەرھال خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا توسۇۋېتىلدى.

فىلىمدە ئىككى نەپەر مۇز چىراي خىتاي گۇندىپاينىڭ ئۆكتىچى مەھبۇسنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى كېچە - كۈندۈز كوزۇپ تۇرغانلىقى، ھەتتا ھاجەتخانىغىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىرگەنلىكى مازاق قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆكتىچى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينى 2011 - يىلى باج ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ كەتكەن ۋە 81 كۈن قاماپ قويۇپ، قويۇۋەتكەن ئىدى.

فىلىمدە ئاساسلىقى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى قانداق تەقىب ئاستىغا ئالىدىغانلىقى قامچىلانغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، فىلىم ھەققىدە توختالغان ئەي ۋېيۋېي: تۇتقۇندا ياشاپ باققان ھەرقانداق بىر ئادەمدە روھى جاراھەت بولىدۇ. بۇنى قولغا ئېلىنىپ باققانلار بىلدۇ، دېدى.

ئۇ يەنە، بۇ فىلىمنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاشۇ ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن بارلىق ئۆكتىچىلەر ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەي ۋېيۋېي دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا ئېچىلغان كۆرگەزمىسىدە خىتايدىكى يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.