دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە خىتاي سەنئەتكارى ئەي ۋېيۋېي 3 - نويابىر كۈنى نيو - يوركتا رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بويىچە ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئەي ۋېيۋېي مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ پرىنسىپىدا چىڭ تۇرالمىسا، خىتاي ئامېرىكىنى ھەرگىزمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ.»
ئۇ يەنە غەرب دۇنياسىدىكى خىتاي بىلەن سودا شىرىكچىلىكىگە ئىگە دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەس ھوقۇقىدىن ۋە ئۇنى قوغدايدىغان خەلقئارا پرىنسىپلاردىن ۋاز كەچمەسلىككە ئۈندىگەن.
مەلۇمكى، ئەي ۋېيۋېي داڭلىق خىتاي شائىرى ئەي چىڭنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ئەي چىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىگە سۈرگۈن قىلىنغان. ئەي ۋېيۋېي خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن 2011 - يىلى 81 كۈن نەزەربەنتكە ئېلىنغان.