خۇسۇسىيلارنىڭ ئۆيلىرىنى باشقىلارغا ئىجارە بېرىش ۋاكالەتچىلىكى بىلەن داڭق چىقارغان Airbnb شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەنلەرگە قاراشلىق جايلارغا سېلىنغان 14 ئىجارە ئۆينى ئىجارە بېرىش تىزىملىكىگە قوشقانلىقى يېقىندا ئامېرىكادىكى كۆپچىلىككە تونۇشلۇق Axios تورىنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشىدە دەسلەپكى قەدەمدە پاش بولدى.
مەزكۇر توربەتنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، Airbnb شىركىتى ئىجارە بېرىشكە ئېلان بەرگەن بۇ ئۆيلەر بىڭتۇەنلەر تەۋەسىدىكى يەرلەرگە سېلىنغان ئىكەن. بىڭتۇەن سىستېمىسى بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ باش ئىجراچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جازا ئېلان قىلغان ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي گەۋدە ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا Airbnb شىركىتىنىڭ بۇ ئۆيلەرنى ئىجارە تىزىملىكىگە قوشۇشى ماھىيەتتە ئامېرىكا قانۇنلىرىغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدىكەن.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، Airbnb شىركىتى 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاۋاتقان 13 چوڭ شىركەتنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇ مۇسابىقىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە ئىكەن.
ھالبۇكى، Airbnb شىركىتى بىڭتۇەن سىستېمىسىدىكى بۇ ئۆيلەرنى ئىجارە تىزىملىكىگە قوشۇش ھەققىدە سۆز قىلىپ: «جازا تەدبىرلىرى بۇ ئۆيلەرگە قارىتىلمىغان. شۇنىڭدەك بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىش بېجىرىش تەرتىپىمىز ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ جازا ئېلان قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ كەلمەيدۇ،» دەپ تۇرىۋالغان. ئەمما بۇ ئۆيلەر ھەققىدىكى ئېلاننىڭ ئۆزىدە بۇ ئۆينىڭ بىڭتۇەن تەۋەسىدىكى قايسى «روتا» تەۋەسىدە ئىكەنلىكى ئېنىق ئېيتىلغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى جازا تەدبىرلىرى ئالىقاچان ئېنىق قىلىپ: «بىڭتۇەن تەۋەسىدىكى ھەرقانداق مۈلۈككە باغلىنىشلىق ھەرقانداق سودا پائالىيەتلىرى چەكلىنىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن، لاگېرلار سىستېمىسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق بىر قاتار جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بىڭتۇەن سىستېمىسى باش رول ئويناپ كەلمەكتە ئىكەن.