يەكەننىڭ تومئۆستەڭ يېزا ئىشلەمچى كەنت سېكرېتارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كەنتتىكى مەمەتنىياز ھەسەن ۋە ماھمۇتنىياز ھەسەن ئاكا-ئۇكىلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سېلىنغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق يېڭى ئۆيلەرگە دەرھال كۆچمىگەنلىكى ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن تۇتۇپ تەكشۈرۈلۈپ 2 ئايلىق سىياسىي تەربىيىلەشكە مەھكۇم قىلىنغان.
28 ۋە 32 ياش بولغان بۇ ئاكا-ئۇكىلار نۆۋەتتە، يەكەننىڭ قاراقۇم تۈرمىسىدە «تەربىيە» لەنمەكتە.
سېكرېتارنىڭ دېيىشىچە، دائىرىلەر ئىشلەمچى كەنتتىكى ئاھالىلەر ئۈچۈن بىر يۈرۈش يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىنا ئۆي سېلىپ بەرگەن ۋە خىراجىتىنىڭ بىر قىسمىنى ھۆكۈمەت، بىر قىسمىنى ئاھالىلەر ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئەمما، بىنا ئۆيلەر ئاھالىلەرنىڭ چارۋا باقمىچىلىق ۋە كۆكتاتچىلىق ئىشلىرىغا ئەپسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر قىسىم ئاھالىلەر يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈشنى رەت قىلغان.
ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر ئادۋوكاتلار تورىدا بۇلتۇر ئېلان قىلىنغان «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل ئالامىتى» ناملىق قوللانمىدا، دۆلەتنىڭ ياردەملىرىنى قوبۇل قىلماسلىقمۇ ئەسەبىيلىك دەپ بېكىتىلگەن ئىدى.
تومئوستەڭدىكى ساقچىلار مەمەتنىياز ئاكا-ئۇكىلارنىڭ يېڭى ئۆيگە كۆچمەسلىكىنى سىياسىي مەسىلە دەپ قارىغان، ئەمما بۇ ئاكا-ئۇكىلارنىڭ دادىسى مۇخبىرىمىز بىلەن سۆزلەشكەندە، ئوغۇللىرىنىڭ پەقەت تۇرمۇش قاتىلاڭچىلىقىدا يېڭى ئۆيگە ۋاقتىدا كۆچەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان.