خىتايدىكى «ئالامەتسىز بىمارلار» نىڭ يېڭى يۇقۇم مەنبەسى بولۇشى ئالغا سۈرۈلمەكتە

تاجسىمان ۋىرۇسى دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ شىددەت بىلەن يامراۋاتقاندا ۋىرۇس باشلانغان خىتاينىڭ تەدرىجىي ھالدا ۋىرۇستىن بولغان ئۆلۈم-يىتىم ۋە يۇقۇم ئەھۋالىدا «ياخشىلىنىش» قا يۈزلىنىشى نۇرغۇنلىغان گۇمانلارنى قوزغىماقتا. ئەمما ھازىر ھەممىدىنمۇ بەكرەك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقىنى خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇسنى كونترول قىلغانلىقىنىڭ راست-يالغانلىقى ئەمەس، بەلكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بولمىغان خىتايدىكى سابىق بىمارلار بولماقتا.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 30-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە سابىق تاجسىمان ۋىرۇس بىمارلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۇلاردا گەرچە ھېچقانداق «دەسلەپكى ئالامەت» كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ 14 كۈن كارانتىن قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتقان. شۇ جايدىكى سەھىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر ئەمەلدار بولسا «چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئالدىمىزدىكى بەش كۈن ئىچىدە يۇقۇمنىڭ بىر يېڭى پەللىسى كۆرۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا،» دېگەن.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسنى تولۇق كونترول قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ۋىرۇس ئەھۋالىنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەلىرى ھەققىدە سۆز قىلغانلارنىڭ «ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش» قىلمىشلىرىنى نەزەرگە ئالغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخى دۇنيادا ھېچكىم كونترول قىلالمايۋاتقان ۋىرۇسنى «يەڭگەنلىكى» گە گۇمان بىلەن قارىماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تاجسىمان ۋىرۇسى يوقالدى» دېگەندەك تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنگەن زور بىر تۈركۈمدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى خىتايغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە زور ساندىكى ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋىرۇسنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ئىككىنچى قېتىملىق دولقۇنىدىن ۋايىم يېيىشكە باشلىماقتا ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋىرۇسنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق دولقۇنىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يىلدا بىر قېتىم ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىنى ئىيۇل ئېيىغا كېچىكتۈرگەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خادىمى تارىك ياسارېۋىچ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەرلەردىكى قامال ۋە چەكلىمە تەدبىرلىرىنى بەكلا بالدۇر بىكار قىلىۋېتىش ھادىسىسىنى تەنقىدلەپ: «خىتاي ئۈچۈن ئەمدى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بۇ بىمارلارنى قانداق بىر ياقلىق قىلىش بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ قالىدۇ،» دېگەن.