خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىي مائارىپ يادرولۇق رايونى بەرپا قىلىشقا كۈچىمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.06.12

خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ،بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ خىتاي تىلى كەسپىگە زور مەبلەغ سېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن تۈركۈملەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان.

شىنخۋا تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۈرۈمچىنى بازا قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىي مائارىپ يادرولۇق رايونى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلغان.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە خىتاي تىلى كەسپى بويىچە ئوقۇيدىغان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار 4 يىللىق ھەقسىز ئوقۇش، ھەقسىز ياتاق ۋە ئايدا 3000 سومدىن تۇرمۇش پۇلى بىلەن تەمىنلەنمەكتىكەن.

خەۋەردە يەنە، خىتاينىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپنى تاماملىغان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ، خىتاينىڭ قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئەللەردىكى چېگرا ھالقىغان چوڭ تىپتىكى شىركەتلىرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رۇسىيە، پاكىستان ۋە ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە جەمئىي 10 ئورۇندا كۇڭزى ئىنستىتۇتى تەسىس قىلىنغان ئىكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن كەلگەن 20 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» ۋىۋىسكىسى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى دەسلەپكى قەدەمدە يولغا قويۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قەدىمىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارىتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.