خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» لايىھەسى گۇمان قوزغىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 9-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېقىندا «2022-يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىدە مۇقىملىق بەرپا قىلىش خىزمەت لايىھەسى» نى ئېلان قىلغان. بۇ قارار لايىھەسىدە ھەرقايسى مائارىپ سىستېمىسى، ئىقتىسادىي ساھە ۋە جەمئىيەت مۇئەسسەلىرى بىرلىشىپ يول تىپىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا «يېڭى يول تېپىش» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە نۆۋەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قاتارىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى كېڭەيتىش ۋە ئىش ئورنى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭدەك ھەرقايسى جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى بۇنىڭغا بىۋاستە ھەمدەم بولۇش تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يېڭى خىزمەت لايىھەسى بويىچە يېڭىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا يۇقۇرى سوممىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش تولۇقلىمىسى، ھەقسىز سالامەتلىك سۇغۇرتىسى، سودا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە مائاش قوشۇمچىسى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

گەرچە خەۋەردە «يېڭىدىن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار» نىڭ قەيەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكى ئېيتىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما خەۋەردىكى تەپسىلاتلار بۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئىشارە قىلماقتا ئىكەن. يەنە كېلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇپ كەلگەن ۋە خىتاي، ئۇيغۇر تىلللىرىغا پۇختا بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئىشسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلىقى تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرىدىن مەلۇم بولغان ئىدى. يېقىندا بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «غەربكە ياردەم بېرىش پىلانى» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىغا مىڭلاپ خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى يۆتكەۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولغان ئىدى. ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادريان زېنز، بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى 20 يىلدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيەسى بويىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا زور ساندا خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈش پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.