ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئۇزۇن يىللىق مال تەمىنلىگۈچىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتكەن

ئالما شىركىتىنىنىڭ خىتايدىكى ئۇزۇن يىللىق مال تەمىنلىگۈچى بولغان لەنز تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 29-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى ئاشكارلانغان ھۆججەتلەردىن ئالما شىركىتىگە ئايفون ئەينىكى ئىشلەپچىقىرىدىغان لەنز تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم بولغان. بۇ ھۆججەتلەرنى «ئوچۇق تېخنولوگىيە قۇرۇلۇشى» بايقىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مىڭلىغان ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ لەنز تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ كارخانىلىرىغا يۆتكەلگەنلىكىگە دائىر تەپسىلاتلار يەر ئالغان ئىكەن.

خەۋەردە يەنە لەنز تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ ئامازون ۋە تېسلانىمۇ مال بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، ئالما شىركىتى لەنز تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ ئۆزلىرىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتمىگەنلىكىنى ئېيتقانقانلىقىنى بىلدۇرگەنلىكى، بىراق «ئوچۇق تېخنولوگىيە قۇرۇلۇشى» نىڭ دېرىكتورى كەتى پائۇلنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك ئالما شىركىتىنىڭ تەمىنات زەنجىرىدە ئۇلار ئېتىراپ قىلغاندىنمۇ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدۇ» دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2019-يىلى لەنز تەخنولوگىيە شىركىتىنىڭ خۇنەندىكى زاۋۇتلىرىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى يوتكىگەن ئىكەن.

خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ بۇ يىل كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى تارقالغان 2-ئايدىمۇ خوتەن ۋىلايىتىدىن بۇ شىركەتنىڭ خۇنەندىكى زاۋۇتلىرىغا يەنە يوتكىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يېقىندا ئامېرىكادىكى تاراتقۇلار ئالما شىركىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» گە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، كەتى پائۇل بۇ ئالما شىركىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ قانۇنغا قارشى پائالىيەت قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.