ئۇيغۇر تورداشلار كۈنەس ناھىيىسىدىن تېپىلغان ئالتۇن كاندىن خوش بولمىغانلىقىنى ئىپادىلىدى

20-ماي كۈنى خىتاينىڭ گېزىتلىرىدە كۈنەس ناھىيىسىدىن 100 توننىلىق ئالتۇن كان تېپىلغانلىقى، بۇ كاندا يەنە 5000 توننا مىس زاپىسى بارلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە مۇنازىرە قوزغىدى.

تور بېكەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردا تورداشلارنىڭ خىلمۇ-خىل نارازىلىقى ئىپادىلەنگەن. بەزىلىرىدە ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر زېمىنىدىكى بايلىقلارنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا رايونغا كىرگەن خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن خالىغانچە قېزىلىپ قۇرۇقداپ قويۇلۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنسا، يەنە بەزىلىرىدە كان قېزىلىش سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىۋاتقانلىقى شىكايەت قىلىنغان.

بىر تورداش ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، «ئاڭلىساق بۇ كان رايونىغا 150 مىليون سوم مەبلەغ سېلىنىپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىليون سوم پۇل كانغا تۇتىشىدىغان يولغا سەرپ قىلىنىپتۇ. بۇ يول ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق بايلىق بۇلاش يولى ئىكەن» دەپ يازغان بولسا، يەنە بىر تورداش بۇلتۇر كۈنەستىكى تۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن 21 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۈزەل مۇھىتىنىڭ ۋەيران قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئىنكاس يېزىشنى خالىمىغان تورداشلار بولسا يىغلاۋاتقان، ھەسرەت چەككەن چىراي ئىپادىسى بار رەسىملەرنى يوللاپ قويغان.

2010-يىلى 5-ئايدا ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن بۇيان، 19 ئۆلكىدىن كەلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرئاستى، يەر ئۈستى بايلىق مەنبەلىرىنى ۋە رايوندىكى يەرلىك خەلقنىڭ يەر-زېمىنلىرىنى ئىگىلەشنى تېزلەشتۈرۈشى، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.