ئامېرىكا خىتاينىڭ ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قارا تىزىملىككە ئالغان

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغانلىق گۇمانى بىلەن خىتاينىڭ ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە باشلىغان.

«بلۇمبېرگ» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ياسالغان ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇپ قېلىش ئۇقتۇرۇشى تارقاتقان بولۇپ، ئۇ ئاساسلىق ماشىنا زاپچاسلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئاليۇمىننى نىشان قىلىدىكەن.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ قارارىنى ئەيىبلىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋنىڭ كۈندىلىك ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: «ئامېرىكا شىنجاڭدا مەۋجۇت بولمىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باھانە قىلدى، سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىمسىزلاشتۇردى» دېگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 6-ئايدىن باشلاپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى رەسمىي ھالدا ئىشقا كىرىشتۈرگەن ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان پاختا، پەمىدۇر ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساشتا قوللىنىلىدىغان پولىسىلىكون (polysilicon) قاتارلىقلارنى چەكلىگەن ئىدى.

«بلۇمبېرگ» تورىنىڭ مۇخبىرلىرى بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاليۇمىن ياپراقچىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان «شىنجاڭ دۇنياۋىي بىرلەشمە شىركىتى»، «شەرق ئۈمىد گورۇھى شىركىتى» ۋە «تەڭرىتاغ ئاليۇمىن گۇرۇھى» شىركەتلىرىگە تېلىفون قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ھېچقانداق بىر ئىنكاس ئالالمىغان.