«ئامازون» نىڭ خىتايدىكى ئەپ ماگىزىنى تاقالماقچى

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» گېزىتىنىڭ 24-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «ئامازون» (Amazon) شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى ئەپ ماگىزىنىنى ئىيۇل ئېيىدا تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ئۇلارنىڭ 2022-يىلى خىتايدىكى «كىندىل» (Kindle) ئېلېكترونلۇق كىتاب مۇلازىمىتىنى ئۈزۈل-كېسىل تاقاش قارارى ئالغاندىن كېيىنكى يەنە بىر چوڭ چېكىنىشى بولۇپ قالغان.

ئامازون شىركىتى بۇ تەرەققىياتنىڭ سەۋەبى ھەققىدە سۆز قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى تور بازىرىنىڭ چەتئەل شىركەتلىرى ئۈچۈن بارغانسېرى چوڭ توسقۇنلۇقلارنى ۋە مۈشكۈلاتلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، دەپ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما ئۇلارنىڭ تور بازىرى بولغان «Amazon.cn» تور بېكىتى داۋاملىق ئىشلەيدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامازون شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئەپ ماگىزىنى ھەرقانداق ئادەم كىرەلەيدىغان ئەركىن تور ماگىزىنى بولۇپ، «فېيسبۇك» (يۈزدىدار) ياكى «تۋىتتېر» دىن پەرق قىلىدۇ. «مىكروسوفت» شىركىتى قارمىقىدىكى «لىنكېدىن» (LinkedIn) شىركىتىمۇ 2021-يىلى خىتايدىكى ئەپ ماگىزىنىنى تاقىغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئامازون شىركىتى دۇنيا مىقياسىدا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىسىمۇ، خىتايدىكى ئېلېكترونلۇق سودا ساھەسىدە ئاران 12-ئورۇندا ئىكەن.

غەرب دۇنياسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكلىك نۆۋەتتە كۆپلىگەن چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.