ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئامازون شىركىتىنى داخۇادىن كامېرا سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىدى

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 29-ئاپرېل كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامازون شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نازارەت-تەقىب سىستېمىسىغا بىۋاسىتە چېتىشلىق بولغان داخۇا شىركىتىدىن 10 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

29-ئاپرېل كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقى ئامازون شىركىتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە خىزمەتچى خادىملارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆزىتىش ئۈچۈن داخۇا شىركىتىدىن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى سېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە كۆزىتىش كامېرالىرىنى سېتىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى داخۇا تېخنىكا شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىن كۆزىتىش مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىككى چوڭ شىركەتنىڭ بىرى. ئۇ 2016-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت تۈرلىرىدىن 1 مىليارد دوللار پۇل تاپقان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئېيتىشىچە، داخۇا شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇرلار، قازاقلار ۋە باشقا دىنىي ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى نازارەت قىلىش ۋە باستۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 2 مىليون ئەتراپىدا كىشى قامالغان لاگېرلارمۇ باركەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 2018-يىلى 8-ئايدا قارار ماقۇللاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە يانتاياق بولغان داخۇا ۋە خەيكاڭ تېخنىكا شىركىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى باياناتتىكى سۆزىدە «ئامازون شىركىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق بىر شىركەت بىلەن ھەمكارلىشىشنى مۇۋاپىق دەپ قارىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامازون شىركىتى بىر خۇسۇسىي شىركەت بولغانلىقتىن ئۇنىڭ داخۇادىن مال سېتىۋېلىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان يۇقىرىدىكى قارارغا خىلاپ ئەمەسكەن. بىراق كۆزەتكۈچىلەر ئامازوننىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن تەنقىدلىنىشى كېرەك، دەپ قارىماقتا.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامازون شىركىتى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا كامېرالارنى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدىكى سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ياخشى بىر مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزىدە «يۇقۇم كرىزىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان باھانە بولماسلىقى، ئەكسىچە بۇ مەزگىلدە كىشىلىك ھوقۇق يەنىمۇ بەك تەكىتلىنىشى كېرەك،» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 29-ئاپرېلدىكى بىر سۆزىدە خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشەنچسىز شىركەتلەرنىڭ تېخنىكالىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ قەتئىي يوسۇندا چەكلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.