«دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تور ماگىزىنى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان «ئامازون» شىركىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى تەنقىد ۋە ئەيىبلەش چۇقانلىرىغا قارىماستىن داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقى يېقىندا تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئاشكارا بولدى.
7-مارت كۈنى «تېخنىكا ئاشكارىلىقى قۇرۇلۇشى» گۇرۇپپىسى ئېلان قىلغان مەخسۇس دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، «ئامازون» شىركىتىنىڭ ئاشكارا تەمىنات زەنجىرىدىكى بەش تەمىنلەش نۇقتىسىنى مۇخبىرلار ۋە تەتقىقاتچىلار «خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىقى بار» دەپ ھۆكۈم چىقارغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇلار تەمىن ئەتكەن مەھسۇلاتلار «ئامازون» شىركىتىنىڭ تور سۇپىسىدا ئاشكارا سېتىلغان. يەنە بىر قىسىم سودىگەرلەر بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشىغا چېتىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بۇ سۇپىدا ساتقان. دوكلاتتا بۇ ھەقتە ئېنىق قىلىپ: «ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان جازالاش تەدبىرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلاردۇر. ئەمدى ئامازون شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە ‹ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش› نامىدا زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا يۆتكەش قىلمىشىنى قانچىلىك پاش قىلىشى بىر چوڭ سوئال بولۇپ قالماقتا،» دېيىلگەن.
مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، NBC ئاگېنتلىقى ئامازون شىركىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېىش قىلمىشى توغرىسىدا ئالاقىلاشقان. ئامازون شىركىتىنىڭ باياناتچىسى ئېرىكا رېينوسو (Erika Reynoso) بۇ ھەقتە جاۋاب قايتۇرۇپ: «شىركىتىمىز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ خىلدىكى قىلمىشنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى مەلۇم بولغان ھامان بىز تېگىشلىك چارە قوللىنىپ كېلىۋاتىمىز،» دېگەن.
خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىسىخانىسى بۇ دوكلاتنى «ئاساسسىز تۆھمەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ كەسكىن ئىنكار قىلغان ھەمدە «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەمگەك قىلىشى پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارىلىقى بويىچە بولىدۇ» دېگەن.
كانادادىكى سايمون فرايزېر (Simon Fraser) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى دەررېن بايلېر (Darren Byler) بولسا بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك ھەققىدە قارار چىقىرىش ھوقۇقى يوق. بۇ ئىشلار پۈتۈنلەي خىتاي دۆلىتىنىڭ كونتروللۇقىدا ۋە باشقۇرىشىدا بولىدۇ» دېگەن.
ھالبۇكى، دوكلاتتا بايان قىلىنغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۈچى نەچچە يۈز ئۇيغۇر ئىشچىنى ئىشلەتكەنلىكى پاش بولغان زاۋۇتلارنىڭ ئىگىسى بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ھەمدە ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئېكرانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر پاش بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئىشچىلارنى زاۋۇتلاردىن «تازىلىغان» ئىكەن.