خىتاينىڭ خەلقئارا تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدىمۇ كۆڭۈلسىز ۋە قاتمال ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئانالىزىغا قارىغاندا، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشۈشى ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىمۇ تەسكە توختىغان. ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىندى شېرمان بۇ يىل 7-ئايدا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولغاندا، خىتاي تەرەپتىن قايسى دىپلومات بىلەن كۆرۈشۈش ئىشىدا تالاش-تارتىشلار يۈز بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شي فېڭنى ۋىندى شېرمان بىلەن كۆرۈشتۈرمەكچى بولغان، ئامېرىكا تەرەپ ئۇنى رەت قىلغان.
ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسى ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ دەرىجىسىگە بولغان تونۇشتىمۇ روشەن پەرقلەر مەۋجۇت ئىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى ئانتونى بلىنكېن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولۇپ، پرېزىدېنتتىن كېيىن ئۇنىڭ ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلالايدىغان 4-نومۇرلۇق شەخس ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ئەھۋالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرى ياكى تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلەيدىكەن. خىتايدا بولسا خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ۋە تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيېچى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلومات بولۇپ، ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشۈشكە سالاھىيىتى توشىدىكەن. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ۋاڭ يى ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىندى شېرمان بىلەن كۆرۈشسە قائىدىگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن.
خىتاي گەرچە ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى شۇنچە ئارزۇ قىلسىمۇ، دىپلوماتىيەدىكى بېكىنمىچىلىكى، تۇراقسىزلىقى ۋە ھاكاۋۇرلۇقىنى تېخىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. ۋىندى شېرمان مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلگەن ئەھۋالدا خىتاي بىلەن ھەقىقىي، سەمىمىي ۋە بىۋاسىتە ئۇسۇلدا ئۇچرىشالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاقسارايدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا دائىم ئۆزىنىڭ مەيدانىنى بىلدۈرۈشكە ئالدىراپ كېتىدىكەن، ھالبۇكى ئامېرىكا ئۇنداق نەتىجىسى چىقمايدىغان سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمايدىكەن.