بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىن چېكىنمەيدىغانلىقى ۋە مەزكۇر دېڭىز رايونىدا ئەركىن يۈرۈش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئامېرىكىنىڭ بىر قوغلىغۇچى ھەربىي پاراخوتى دۈشەنبە كۈنى جەنۇبىي دېڭىزدا ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.
دۈشەنبە كۈنى جەنۇبىي دېڭىزدا يۈرۈۋاتقان ئامېرىكىنىڭ جون مېككېين ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى خىتاي ئۆزىنىڭ دەپ، زېمىن دەتالىشى قىلىۋاتقان دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىشىدا، سىنگاپورنىڭ بىر ماي پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن.
نەتىجىدە ئىككى نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلگەن، 8 نەپىرىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان ئىدى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى مالايشىيادا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە گېنېرالى تېرېنسې ئوشاۋنېسي يۇقىرىدەك ھادىسىلەرگە قارىماي ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ھەرىكەت قىلىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، بۇ خىلدىكى ھادىسىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ دېڭىزدا ئەركىن يۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرىگە ئەكس تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ خىلدىكى ھەرقانداق ھادىسىلەر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۆز قىسىملىرىغا تەمىنلىگەن تەڭداشسىز قابىلىيەتكە ھەرگىزمۇ قارار كۆلەڭگە تاشلىيالمايدۇ، دەپ قارايمەن.»
ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ خەلقئارالىق قانۇن يول قويغان ھەرقانداق تەۋەلىككە پاراخوت ۋە ئايروپىلانلىرىمىزنى ئەۋەتىشتە مەيدانىمىز مۇستەھكەم. بىز شۇنداق قىلىشنى ئىزچىل داۋام قىلىمىز. جەنۇبىي دېڭىز ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىز ھەر كۈنى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىمىز.»
خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېڭىزنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا سۈنئىي ئاراللارنى ياساشنى باشلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكىمۇ مەزكۇر دېڭىدىكى ھەربىي چارلاشنى كۈچەيتكەن.
ئامېرىكا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي ياسىغان سۈنئىي ئاراللارغا يېقىن جايلارغا بىر نەچچە قېتىم ھەربىي پاراخوت ئەۋەتكەن ئىدى.