ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مال تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىللىرىنى تازىلاش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىككى شىركىتىنىڭ ماللىرىنى چەكلىگەن. بۇ شىركەتلەرنىڭ بىرى باتارېيە ياسايدىغان شىركەت، يەنە بىرى بىئو-تېخنىكا شىركىتى ئىكەن.
ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى (DHS) نىڭ «رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» غا بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، يۇقىرىقى ئىككى شىركەتكە قويۇلىدىغان جازا چەكلىمىسى 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن. بۇ مىنىستىرلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىقى بولغان خىتاي شىركەتلىرىنى داۋاملىق تارتىپ چىقىپ جازالاش ئۇيغۇر رايونىدا ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرى ئالېجاندىرو مايوركاس (Alejandro Mayorkas) بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، «بىز بارلىق شېرىكلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزمەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭغا چېتىلمىغان سودا-ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز» دېگەن.
مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتاينىڭ 24 شىركىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە قارا تىزىملىككە ئېلىنغان.
«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2-ئاۋغۇست كۈنى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، يۇقىرىقى ئىككى خىتاي شىركىتىنىڭ جازالانغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە بۇ شىركەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.