ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى كامالا ھاررىس 22-ئاۋغۇستتىن باشلاپ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ۋېيتنام، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكانىڭ بۇ رايوندىن چىقىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقساراينىڭ بىر ئەمەلدارى كامالا ھاررىسنىڭ زىيارىتى ئامېرىكانىڭ مەزكۇر رايوندىن چىقىپ كەتمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ رايوندا قالىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كامالا ھاررىسنىڭ زىيارىتى ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ، ھاكىمىيەتنى تالىبانلار ئىگىلىگەن بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن.
ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش جەريانىدا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ «ئىشەنچىلىك ئورتاق» ئەمەسلىكىنى تەشۋىق قىلىشى ئۈچۈن باھانە بولۇپ بەرگەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقساراينىڭ يۇقىرىقى ئەمەلدارى كامالا ھاررىسنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا زىيارىتى شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا خەلقئارا قائىدە-تۈزۈملەرنى قوغداش، ئامېرىكانىڭ رايوندىكى رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ ئەمەلدار يەنە «بىزنىڭ بۇ رايونغا مەڭگۈلۈك بىر ۋەدىمىز بارلىقى، بىزنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىمىز ۋە بۇ رايوندا قالىدىغانلىقىمىز ئېنىق مۇئەيەنلەشتۈرۈلىدۇ،» دىگەن. كامالا ھاررىس بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1-ئايدا ھوقۇقنى ئۆتكۈزىۋېلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بېرى، مەزكۇر رايوننى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئالىي دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى ھېسابلىنىدۇ.