ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ بىر ئاخبارات خادىمى خىتايغا ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن

ئامېرىكانىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان «CBS خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 14-ئاۋغۇست كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدە ئاخبارات ئانالىزچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان كوربېن شۇلتىز (Korbein Schultz) ئامېرىكانىڭ ھەربىي ئۇچۇرلىرىنى خىتايغا سېتىپ، خىتايدىن 42 مىڭ دوللار پۇل ئالغان. بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن كوربېن شۇلتىز ئىلگىرى ئۆزىنى گۇناھسىز دەپ ئاقلاشقا تىرىشقان بولسىمۇ، قىلمىشلىرى ئېنىق بولغاچقا 6 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن؛ 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇ سوتتا بۇ جىنايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىقرار قىلغان.

ئەيىبنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، شۇلتىز 2022-يىل 6-ئايدىن بۇيان «سۇيىقەستچى A» ناملىق بىرسىگە قولىدىكى مەخپىي ھۆججەتلەرنى، سۈرەتلەرنى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئائىت ماتېرىياللارنى يوللىغان، بۇنىڭلىق بىلەن قالماي، ئامېرىكانىڭ سەزگۈر ھەربىي ئۇچۇرلىرىنى قارشى تەرەپكە توپلاپ بېرىشكە مەسئۇل بولغان. ئۇ ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلار راكېتا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، ئادەمسىز ئۇچقۇلارغا زەربە بېرىش تاكتىكىسى، ھەربىي ئىشلارغا پايدىلىنىدىغان سۈنئىي ھەمراھ، ئامېرىكانىڭ كەلگۈسى ھەربىي تەرەققىيات پىلانلىرى، ئامېرىكانىڭ ھەربىي مانېۋىر ۋە ھەرىكەت پىلانلىرى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

شۇلتىز دەسلەپتە قارشى تەرەپنىڭ دامىغا چۈشكەن بولۇپ، قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا ئامېرىكانىڭ چوقۇم رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكىنى، تەيۋەن ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە شۇلتىزغا 200 دوللار «ئۇچۇر ھەققى» بەرگەن. ئاقىۋەتتە، شۇلتىز ئامېرىكانىڭ ھەربىي ئۇچۇرلىرىنى قارشى تەرەپكە ساتىدىغان دەرىجىگە يەتكەن.

ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشتابىنىڭ قوماندانى رېت كوكس (Rhett R. Cox) بۇ دېلونىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن جىددىي بىر سىگنال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «مەيلى قاچان بولسۇن، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ھەر قانداق خادىمى قارشى تەرەپتىن مەخپىي ئۇچۇرلارنى تەمىنلەش تەلەپ قىلىنغان ھامان، 24 سائەت ئىچىدە ھەربىي ئىشتابقا بىلدۈرۈشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا يۈكلىنىدۇ».