ئامېرىكا يېڭىدىن ياساپ چىقماقچى بولغان بومباردىمانچى ئايروپىلان ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرلار ئىنتايىن مەخپىي تۇتۇلماقتا. شۇنداقتىمۇ يېڭى تىپتىكى مەزكۇر بومباردىمانچى ئايروپىلان ھەققىدىكى بەزى ئۇچۇرلار مۇئەييەن دەرىجىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئايروپىلان راداردا كۆرۈنمەس ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، ھەرخىل ئىلغار ئاپپاراتلار بىلەن قوراللانغان بولۇپ، يادرو بومبىلارنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىگە تاشلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى مەزكۇر ئايروپىلانى ياساش ھوقۇقنىڭ نورتروپ گرۇممان شىركىتىگە بېرىلگەنلىكىنى بۇ ھەپتە ئېلان قىلدى.
بۇ نۆۋەت ياسىلىدىغان بومباردىمانچى ئايروپىلان ئۇزاق مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان بولۇپ، ئامېرىكا بۇ لارنى ياشاشقا جەمئىي 100 مىليارد دوللار سەرپ قىلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ بومباردىمانچى ئايروپىلاندىن جەمئىي 100 نى ئالىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا نۆۋەتتە قوللىنىۋاتقان B 2 تىپلىق 11 دانە راداردا كۆرۈنمەس بومباردىمانچى ئايروپىلاندىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى 1950 - ۋە 1980 - لايىھىلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكا ئۆز ئارمىيەسىدىكى بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى جىددىي يېڭىلاشقا ئېھتىياجلىق ئىكەن.
28 - ئۆكتەبىر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كاتېر: بۇ ئۇزاق مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلار ھاۋا ئارمىيەمىزنىڭ كەلگۈسى ھۇجۇملىرى ۋە توسۇش ئىقتىدارىنىڭ ئومۇرتقىسى بولۇش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، دېگەن.
ئۇ يەنە مەزكۇر بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى 50 يىللىق ئېھتىياجىنى قامدايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.