ئامېرىكا مەخسۇس ئايروپىلان ئاجرىتىپ، خىتاي قاچاقلىرىنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.07.04

7-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى (DHS) ئامېرىكا كۆچمەنلىرى ۋە تاموژنا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئارقىلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىپ، ئامېرىكاغا قاچاق يوللار بىلەن كەلگەن خىتايلارنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرغان. بۇ ئامېرىكانىڭ 2018-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن قاچاق خىتايلارنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇشى ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتقا قارىغاندا، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بۇ قېتىم خىتاي خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ۋە خىتايدىكى كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكادا تۇرۇشقا قانۇنىي ئاساسى بولمىغان خىتايلارنى قايتۇرۇش پىلانىنى ئىجرا قىلغان.

چېگرا خەۋىرى تورىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىم 116 نەپەر خىتاي كۆچمەن قايتۇرۇلغان.

 «ئامېرىكا رادىيو شىركىتى» نىڭ 3-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا چېگرا چارلىغۇچىلىرى 2021-يىل 342 خىتاي پۇقراسىنى تۇتۇۋالغان بولۇپ، كېيىنكى يىلى بۇ سان كۆپىيىپ 2000 غا يەتكەن، 2023-يىل 24 مىڭ 124 ئادەم تۇتۇلغان، 2024-يىل تۇتۇلغان ئادەم 31 مىڭ 175 كە يەتكەن. بۇ ئەھۋال توغرۇلۇق بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا سۆزلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىغا قانۇنسىز كىرگەن خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسى پاناھلىق تىلىگۈچىلەر سۈپىتىدە قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا نەچچە يىللار كېتىدىكەن. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ئاسان بولمايدىكەن، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا يېقىن كەلمەيدىكەن. ئەمما ھازىر بۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغان، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئورۇنلاشتۇرغان «قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش ئايروپىلانى» 2018-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئىشقا كىرىشكەن، خىتاي تەرەپمۇ بۇنىڭغا ماسلاشقان.

مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي چېگراسىدىن كىرىۋاتقان كۆچمەنلەرنى چەكلەش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا، چېگرا قوغدىغۇچىلارغا چۈشىدىغان بېسىم ئازايغان. ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 20 دۆلەتكە ئۇچىدىغان 120 نەچچە ئايروپىلاننى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرغان. ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ئالىخاندرو مايوركاس بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ: «بىز كۆچمەنلەر قانۇنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىمىز؛ ئامېرىكادا تۇرۇش ئۈچۈن قانۇنىي رەسمىيىتى بولمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكادىن قايتۇرىمىز؛ كىشىلەر ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىسۇن» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.