ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى تىك-توكنىڭ چەكلىنىشىنى ئەيىبلىگەن خىتايغا ئىنكاس بىلدۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.03.15

 ئامېرىكانىڭ تىك توكقا چەكلىمە قويۇشى دەسلەپكى قەدەمدە ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكۇلاس بۇرنس (Nicholas Burns) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ تىك توكنى چەكلىمەكچى بولغىنىغا قارشى تۇرغىنىغا ئىنكاس قايتۇرغان.

نىكۇلاس بۇرنىس 14-مارت «بلومبېرگ تېلېۋىزىيەسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ تىك-توكنىڭ ئامېرىكادا چەكلىنىشىگە قارشى تۇرۇشىنىڭ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى ئەركىنلىك ۋە كەڭ ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ ئامېرىكاغا قارشى گەپ قىلالىغىنى بىلەن، خىتاينىڭ ئىچىدە ئامېرىكانىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەپتە ئامېرىكادا تىك توكنى چەكلەش ھەققىدە گەپ بولغاندىن كېيىن، بىز بېيجىڭدىن چىقىۋاتقان نۇرغۇن ئەيىبلەشلەرنى ئاڭلىدۇق. بۇ ناھايىتى كۈلكىلىك بىر ئىشتۇر. چۈنكى خىتاي ئەمەلدارلىرى X دىن پايدىلىنىپ ئامېرىكانى تەنقىدلىيەلەيدۇ. ئەمما ئۇلار ئۆز پۇقرالىرىنى X، فېسبوك، ئىنستاگرام، گۇگىل تورىنى ئىشلىتىشتىن چەكلەيدۇ» .

نىكۇلاس بۇرنىس يەنە سۆزىدە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق رىقابەتنىڭ تېخنىكا، يەنى تىك-توكقا ئوخشاش ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە قوللىنىلىدىغان سودا تېخنىكىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇلارنى ئامېرىكاغا قارشى ھەربىي رىقابەتتە قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەيدانىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى، خىتايغا ئامېرىكانىڭ تېخنىكىلىرىنى ئېكسپورت قىلمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

-13مارت كۈنى، تىك-توكنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسى 65 كە قارشى 352 ئاۋاز بىلەن ئاۋام پالاتاسىدا تولۇق ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن بىئارام بولۇپ، ئامېرىكانى ئەيىبلەشكە ئۆتكەنلىكى مەلۇم. ھالبۇكى، خىتاي ئابونتلىرى يەنىلا تىك-توكنىڭ خىتايدىكى ۋارىيانتى بولغان دويىننى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئامېرىكاغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.