ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خىتاينى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تېرىي برانسىتات پەيشەنبە كۈنى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن پۇرچاق ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى كۆپرەك زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن پۇرچاق ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. پۇرچاق ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىدىغان يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتى. ئامېرىكا 2017‏-يىلى خىتايغا جەمئىي 12 مىليارد دوللارلىق پۇرچاق ئېكسپورت قىلغان. باش ئەلچى تېرىي برانستات پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى «بلۇمبېرگ» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «بۇ مەنتىقلىق ئەمەس، بۇ خىتاي ئىستېمالچىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ،» دېگەن. برانستات يەنە «ئاخىرىدا خىتاي ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. بىز ئۇزۇندىن بېرى قىلىپ كەلگەندەك ئىش بىرلىكى ۋە ھەمكارلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى. ئۆچ ئېلىش بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئاقىلانە ئۇسۇلى ئەمەس،» دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ يېقىندا خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ 60 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نارازىلىقى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ جۈمە كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئەگەر بىز سودا ئۇرۇشىغا مەجبۇرلانساق، بىزنىڭ ئۆز مەنپەئىتىمىزنى قوغداش كۈچىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بار،» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ھەر يىلى دۇنيا بازىرىدىكى 60 پىرسەنت پۇرچاقنى خىتاي سېتىۋالىدىكەن، خىتاي سېتىۋالىدىغان پۇرچاقنىڭ 30 پىرسەنتىنى ئامېرىكىدىن ئالىدىكەن.