ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېننىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە خىتاينى زىيارەت قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ۋە بۇ ئىشتىن خەۋەردار مەنبەلەردىن بىرى، بىلىنكېننىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەرنىڭ بىرىدە خىتايدا زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىدىن ئۇچۇر بەرگەن. مەزكۇر خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلىنكېننىڭ بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن پىلانلاش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بىلىنكېننىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى ئەسلى بۇ يىل 2-ئايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي جاسۇسلۇق شارىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىش ۋەقەسى بۇ زىيارەتنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغانىدى.
بىلىنكېننىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىش پىلانى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئامېرىكانىڭ شەرقىي ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دانېيال كرىتىنبېرگ بىلەن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ خىتاي ۋە تەيۋەن ئىشلىرى ئالىي دىرېكتورى ساراھ بېراننىڭ 4-ئىيۇن خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تەرەپ بىلەن «سەمىمىي» ھەم «ئۈنۈملۈك» مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىندى. دانېيال كرىتېنبېرگ بىلەن ساراھ بېراننىڭ زىيارىتىنىڭ 4-ئىيۇن» تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 34 يىللىق خاتىرە كۈنىگە توغرا كېلىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغانىدى. س ن ن نىڭ ئېيتىشىچە، بىلىنكېننىڭ زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ زور بېسىمغا دۇچ كەلگەن مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتىنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دائىملىق بىر ئالاقە قانىلى بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن. بىلىنكېننىڭ زىيارىتىنىڭ قاچان ۋە قانداق مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ زىيارەتتە ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى توختىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك پوزىتسىيەدە بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. لېكىن س ن ن نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ۋېدھنت پاتېل، بىلىنكېننىڭ زىيارەت پىلانى ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلىپ: «مىنىستىر ئۈچۈن ئېلان قىلىدىغان بىر ساياھەت پىلانى يوق» دېگەن.