شەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەررى مەركىزىي ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە قاراتقان زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى سۈپىتىدە قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەككە يېتىپ كېلىپ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايېف ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېرلان ئابدىلدايېف قاتارلىق بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن،
جون كەررىنىڭ تۇنجى قېتىملىق قىرغىزىستان زىيارىتى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ قىرغىزىستان سوت دائىرىلىرى تەرىپىدىن مىددەتتسىز تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئۆزبەك ھوقۇق قوغىدىغۇچىسى ئەزىمجان ئەسقەروفقا «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى» مۇكاپاتى بەرگەندىن كېيىن، قىرغىزىستان تەرەپنىڭ ئامېرىكىغا«بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلاشتى» دەپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشى ۋە بىشكەك - ۋاشىنگتون مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سوغۇقلىشىپ قالغان بىر ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەن ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جون كەررى پرېزىدېنت ئالماسبېك ئاتامبايېف ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېرلان ئابدىلدايېف بىلەن بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكەن مەتبۇئات يىغىنىدا ئەزىمجان ئەسقاروۋغا بېرىلگەن مۇكاپاتنىڭ ئۇنىڭ بىر كىشىلىك پائالىياتى ئۈچۈن بېرىلگەنىلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى خەۋپسىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئارىلىشىش نىيىتى يوقلىغىنى تەكىتلەپ، «بۇ ماۋزۇنى ئوچۇق ۋا ياخشى مۇھاكىمە قىلدۇق. ھار ئىككى تەرەپ ھەمكارلىكنى داۋاملاشتۇرۇسبى خالايدۇ»، - دېدى.
2001 - يىلىدىكى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن بىشكەك ئېئەنىدىكى ماناس ئايرودرومىدا ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى تېررورىزمغا قارھسى ھەربىي ھەرىكتەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ھەربىي بازىسى قۇرۇلغان ئىدى. مەزكۇر ئورۇن 2014 - يىلى پۈتۈنلەي تاقالغان ئىدى.
ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشى نەتىجىسىدە قىرغىزىستان ۋە رۇسىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي - سىياسىي ئىتتىپاقداشلىق يۇقىرى سەۋىيىدە داۋاملاشماقتا
قىرغىزىستان يەنە خىتاي بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىنىمۇ تېز راۋاجلاندۇرماقتا.
شەنبە كۈنى جون كەررى يەنە بىشكەكتىكى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى باش ئەلچىخانىسىنىڭ يېڭى بىناسىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، لېنتا كەسكەن ئىدى.
