ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، مىچىگان ئىشتاتىدىكى 3 ئالىي مەكتەپتىن خىتاي بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان.
«دېترويىت خەۋەرلىرى» (The Detroit News) 19-فېۋرال ئېلان قىلغان بۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسى جون مولىنار (John Moolenaar) بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئاۋام پالاتا مائارىپ ۋە ئەمگەك كۈچى كومىتېتى رەئىسى تىم ۋالبېرگ (Tim Walberg) قاتارلىقلار مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوكلەن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە دېترويىت مېرسى ئۇنىۋېرسىتېتىنى خىتاي ئالىي مەكتەپلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە چاقىرغان. ئۇلار 17-فېۋرال يۇقىرىقى ئالىي مەكتەپنىڭ مۇدىرلىرىغا خەت يېزىپ، بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئەمدى خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مەكتىپىڭلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئامېرىكا خەلقى ياردەم بېرىدۇ ۋە ئىشلىرىڭلار كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ» دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى 2024-يىل 9-ئايدا بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ۋە باشقا ساھەدىكى تېخنىكىلىرىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكاغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ بۇ يىل 1-ئايدا بولسا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىغا خىتاي بىلەن ئالاقە قىلماسلىق تەلىپىنى قويغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت خىتايدىكى بىر تەتقىقات ئورنى بىلەن بولغان 20 نەچچە يىللىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئىلگىرى يەنە، خىتاي ئالىي مەكتەپلىرى بىلەن دوستلۇق ئورناتقان كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، بېركىلى ئۇنىۋېرسىتېتى، جورجىيا تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاتلانتا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەرنى خىتاي بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە بۇيرۇغانىكەن.