ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) نىڭ رەسمىي تور ھېسابىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 4كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو ۋە چاك گراسسلېي (Chuck Grassley) قاتارلىقلار «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ پۇلىنى قوبۇل قىلىۋاتقان توققۇز ئامېرىكا گېزىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ پۇلىنى ئېلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ خەتتە ئۇلار مۇنداق دەپ يازغان: « ‹خىتاي كۈندىلىك گېزىتى› ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ئورۇنلىرى بولۇپ، ئىنگلىزچە سۆزلىگۈچىلەرگە خىتاب قىلىدۇ. خىتاي كۈندىلىك گېزىتى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كومپارتىيەنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاكتىپلىق بىلەن تارقىتىۋاتىدۇ. ھېچقانداق ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولماسلىقى كېرەك».
خەۋەرگە كۆرە، ماركو رۇبىيو ۋە چاك گراسسلېي سېئاتىل خەت يازغان بۇ 9 ئامېرىكا گېزىتى «سىياتېل ۋاقىت گېزىتى» (The Seattle Times) «ھيۇستون گېزىتى» (the Houston Chronicle) ، «بوستون يەر شارى گېزىتى» (The Boston Globe)، «لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى» (the Los Angeles Times)، «ئامېرىكا كۈندىلىك گېزىتى» (USA Today)، «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» (the Financial Times)، «قۇياش گېزىتى» (the Sun Sentinel) ۋە «چىكاگو گېزىتى» (Chicago Tribune) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بۇ خەتتە يەنە، «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ئاقلىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ھەر قانداق شىركەت، جۈملىدىن ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ياكى ھاكىمىيەتنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا يالغانچىلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا شېرىك بولماسلىقى، خىتاينىڭ «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» ۋە باشقا مەتبۇئاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.