ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا يەنىمۇ كۆپ ئېكىسپورت چەكلىمىسى قويۇشقا تەييارلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.07.07

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا يەنىمۇ كۆپ ئېكىسپورت چەكلىمىسى قويۇشقا تەييارلانماقتىكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىىسم ئەمەلدارلىرى ۋە سابىق ئەمەلدارلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىن يەكۈنلىگەن ساۋاقلارغا ئاساسەن، خىتاينىڭ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىش ئېھتىماللىقى ۋە ئۇنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، خىتايغا يەنىمۇ كۆپ ئېكىسپورت چەكلىمىسى قويۇشقا تەييارلانماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى ​​ئېكسپورت كونتروللۇقى يولغا قويۇلىدىغان ئەھۋاللارنى كېڭەيتىشنى، بۇنى شېرىك دۆلەتلەردىمۇ ئۆزلەشتۈرۈشنى، قايسى تېخنىكىلارنىڭ سەزگۈر ياكى ھالقىلىق تېخنىكا دەپ قارىلىدىغانلىقىنى قايتىدىن ئىزاھلاپ چىقىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېڭى ۋە سەزگۈر تېخنىكىلارنى خىتايغا ئېكىسپورت قىلىشتا پەقەت ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىشىدەك خەۋپنىلا ئويلىشىپ قالماي، بەلكى بۇنداق تېخنىكىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى باستۇرۇشتا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئالان ف. ئېستېۋەز (Alan F. Estevez) مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ تېخنىكا ساھەسىدە تېخىمۇ تاجاۋۇزچى، تېخىمۇ كەسكىن ۋە تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشىغا ئەگىشىپ، بىزنىڭ ئېكسپورتنى كونترول قىلىشىمىزنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ ئاشتى. بىز ئامېرىكانىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى ساقلاپ قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك... بىزنىڭ نىشانىمىز خىتاينىڭ بىزنىڭ تېخنىكىلىرىمىزنى ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتن ئىبارەت...»

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» سۆزلەشكەن باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق تېخنىكىلارنىڭ خىتايغا ئېكىسپورت قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېكىسپورت چەكلىمىسىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنداق تېخنىكىلارغا ئېرىشىشىنى چەكلەش ئارقىلىق قوراللىق توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.  

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، پرېزىدېنت بايدېن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى خىتاينى «ئامېرىكانىڭ ئەڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك رىقابەتچىسى» دەپ ئاتاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار خىتاي تەھدىتىنىڭ ئالىقاچان رۇسىيەنى ئېشىپ چۈشكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.