ئامېرىكانىڭ ب د ت باش ئەلچىسى: ئۇيغۇرلار «ئىنتايىن ئازابلىق» ۋاقىتلارنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.04.01

ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس گرېنفېلد خانىم، ئۆتكەن ھەپتە ب د ت دا سۇداننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقىلىق مۇسۇلمانلارغا بەرگەن ئىپتاردا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ «ئىنتايىن ئازابلىق» ۋاقىتلارنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

لىندا توماس گرېنفېلدنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەرەب ئەللىرىدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنى، ئافرىقا دۆلەتلىرىنى، مۇسۇلمان ئەللەر ۋە بەزى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دىپلومات، ژۇرنالىست ۋە ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا پىلانلىق زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۇنياغا، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۇنياسىغا ئۇيغۇرلارنىڭ «ياخشى ياشاۋاتقانلىقى»، دىنىي-ئېتىقادىغا «ھۆرمەت قىلىنىۋاتقانلىقى» نى كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، لىندا توماس گرېنفېلد 28-مارت كۈنى ئافرىقىلىق مۇسۇلمانلارغا بەرگەن ئىپتارلىقتىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بىز ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھۆرمەت ۋە قايتا يېڭىلىنىش ئېيى بولغان مۇقەددەس رامىزان ئېيىدا بىر يەرگە جەم بولماقتىمىز. لېكىن بۇ رامىزان ئېيى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن، جۈملىدىن ئافغانىستان، سۈرىيە، شىنجاڭ، بىرما ۋە غەززەدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن، شۇنداقلا بىز بۈگۈن سۆزىنى قىلىۋاتقان سۇدان ئۈچۈن ئىنتايىن ئازابلىق بىر رامىزان ئېيى بولماقتا.»

لىندا توماس گرېنفېلدنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە «18 مىليون سۇدانلىق بۈگۈنكى رامىزاننىڭ بەرىكىتىدە بىر يەرگە جەم بولۇش ئورنىغا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە دۇچ كەلمەكتە، بالىلار ئاچ قالماقتا، خاراب بولماقتا ھەم ئۆلمەكتە» ئىكەن. لىندا توماس گرېنفېلد 30-مارت ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X تىكى ئۇچۇرىدىمۇ، ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى «مىليونلىغان ئائىلىلەرنىڭ روزا تۇتۇپ، ئىپتار قىلىشى ئۈچۈن تاماقسىز قېلىۋاتقانلىقى، دۇئا-تىلاۋەت قىلىشى ئۈچۈن خاتىرجەم بىر جايغا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقى ۋە تايانغۇدەك يېقىنلىرىنىڭمۇ يوقلۇقى» نى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ يىللىق چاغان بايرىمى، پانۇس ۋە تاۋۇز چاغانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىق قىلىپ، رامىزان ئېيىنى تىلغىمۇ ئېلىپ قويمىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.