ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گەرىي لوك 24 - - ئاپرىل كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئېنىرگىيە ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتناشقان.
ئۇنىڭ بۇ زىيارىتىگە ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە ئامېرىكىدىكى 30 غا يېقىن چوڭ شېركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىرلىكتە ئىشتىراك قىلغان. ئەمما قىزىقارلىقى، خىتايدىكى خەۋەر مەنبەلىرى گەرىي لوكنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتى ھەققىدىكى خەۋەرنى 24 - چېسلا يىغىن ئاياقلىشىپ بولغاندىن كېيىن يەنى بىر كۈن كېچىكىپ ئېلان قىلغاندىن سىرت، ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ قانچە كۈن داۋام قىلىدىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالمىدى.
بۇ قېتىمقى زىيارەت ئامېرىكا باش ئەلچىسى گەرىي لوكنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
جوڭگو خەۋەرلەر تورىدا چىققان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گەرىي لوك زىيارىتى داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن بىلەن كۆرۈشكەن. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.
ئامېرىكا ئەلچىسى گەرىي لوك خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ناھايىتى كەسكىن تەنقىد قىلىش بىلەن تونۇلغان بىر شەخس. گەرى لوك ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا تىبەتنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتلەرنىڭ دەردىگە قۇلاق سېلىشقا، ئۆزىنى كۆيدۈرۈشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان ئىدى.