خىتاي تەۋەسىدە يېڭىۋاشتىن يامراۋاتقان ۋىرۇس يۇقۇمى تۈپەيلىدىن بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن ئەلچىخانىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملار ۋە ئۇلار بالا-چاقىلىرىنىڭ ئامېرىكاغا قايتىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ھازىرچە بۇ تەلەپنى تەستىقلىمىغان.
CNN ئاگېنتلىقىنىڭ 26-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ «ئومىكرون» ۋارىيانتى بېيجىڭ شەھىرىدە يامراۋاتقان بولغاچقا، ئەلچىخانا خادىملىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قامال قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى، بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم بالىلارنىڭ قامال بىكار بولغۇچە ئاتا-ئانىلىرىدىن جۇدا بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىدىن ئەندىشە قىلغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تەۋەسىدىكى ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىملىرىنى كارانتىن مەزگىلىدە بالىلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشقا يول قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقاچان بۇ بەلگىلىمىنى بىكار قىلىش ئېھتىمالى بولغاچقا، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار يۇقۇرىقى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. ئەلچىخانا خادىملىرىدىن بىرى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز ئاغرىپ قېلىشتىن قورقۇۋاتقىنىمىز يوق. كىشىلەرنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقىنى ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ بەك تېز يۇقىدىغانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا قارشى بەكمۇ قاتتىق بولغان تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىش ئېھتىمالى،» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق ئون چوڭ شەھەردە ئومىكرون ۋارىيانتى بايقالغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق يېڭى باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس ئەپەندىمۇ ۋابا يۇقۇمى تۈپەيلىدىن بېيجىڭ سەپىرىنى كېچىكتۈرمەكتە ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىلتىماسىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «دۆلىتىمىزنىڭ ۋابانى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئىلمىي ئاساسلارغا تايىنىدۇ. بىز چەت ئەللىكلەرنى ناھايىتى ياخشى قوغدىيالايمىز» دېگەن. ئەمما خىتايدىكى ۋابا يۇقۇمى مەزگىلىدە مىسلىسىز قاتتىق تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقى ھەمدە بۇ تۈپەيلىدىن كۆپلىگەن سەلبىي ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىققانلىقى توغرىسىدا كۆپلىگەن ئۇچۇرلار مەلۇم بولغانلىقتىن، كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ۋابا يۇقۇمىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى، شۇنىڭدەك ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قانداق ئۆتكۈزۈشى توغرىسىدا ئىزچىل غۇلغۇلا قىلماقتا ئىكەن.