ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ خىتايدىكى ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرى خىتايدىن چېكىنىشكە باشلىغان

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى تەقىب-نازارەت ۋە چەكلىمىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى، خىتايدىكى چېكىنىۋاتقان ئىقتىساد ھەمدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلىشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ كۆپلىگەن ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرى خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.

15-ئىيۇل، «ئامېرىكا ئاۋازى» تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن بىرى بولغان «ۋېل-گوتشال-مانگېس چەكلىك مەسئۇلىيەت گۇرۇھى» (Weil, Gotshal&Manges LLP) 2004-يىل شاڭخەيدە، 2008-يىل بېيجىڭدا ۋاكالەت ئورنى قۇرغان؛ 2024-يىل بېيجىڭدىكى ۋاكالەت ئورنى تاقالغاندىن كېيىن شاڭخەيدىكى ۋاكالەت ئورنىمۇ تاقىلىشقا يۈزلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئەر-ئايال بىرلىكتە ئىشلىگەن، ئامېرىكادىكى ئالتىنچى چوڭ ئادۋوكاتلىق ئورنى بولغان «سىدلې ئوستىن چەكلىك مەسئۇلىيەت گۇرۇھى» مۇ بۇ يىل 5-ئايدا خىتايدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ئادۋوكاتلىق ئورنى 1999-يىل شاڭخەيدە ۋاكالەت ئورنى قۇرغان بولۇپ، خىتايغا مەبلەغ سېلىش، كارخانىلارنى سېتىۋېلىش دېگەندەك چوڭ ئىشلارنى بېجىرگەنىكەن. بۇلار پەقەت خىتايدىن ئايرىلىۋاتقان ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرىنىڭ بىر نەچچىسى ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى خىتايدىن چېكىنگەن بولسىمۇ، بىر قىسمى خىتايدا داۋاملىق قالغان، ئەمما تىجارەت كۆلىمى كىچىكلەپ كەتكەن. ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ 73 ئادۋوكاتلىق ئورنى ئىچىدە 32 ئورۇندىكى ئادۋوكاتلارنىڭ سانى ئۆتكەن ئون يىلدا ئازلاپ كەتكەن؛ ئەمما 2018-يىلدىن 2023-يىلغىچە ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان خىتاي خىزمەتچىلەرنىڭ سانى 3 پىرسەنت ئاشقان.

خىتايدىن چېكىنگەن ئادۋوكاتلىق ئورنى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدىكى ناچارلىشىش، خىتايدىكى قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ قالايمىقانلىقى، تەقىب-نازارەتنىڭ قاتتىقلىقى، ئادۋوكاتلىق ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىش، ئادەم قويۇپ كۆزىتىش، تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ۋە ئىشپىيون دەپ گۇمانلىنىشنىڭ ئېغىرلىقى، خالىغانچە ئادەم تۇتۇشنىڭ كۆپلۈكى، شەخسىي بىخەتەرلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر ئۇلارغا خىتايدا داۋاملىق تۇرۇشنىڭ خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغان.