ئامېرىكادىكى فايىرفاكس ناھىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى ئىشلىتىش پىلانى دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان

ئامېرىكادا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ مەركەزلەشكەن ناھىيەلەردىن ۋىرجىنىيە ئىشتاتى فايىرفاكس (Fairfax) ناھىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى ئىشلىتىش پىلانى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. «شىمالىي ۋىرجىنىيە ئىچكى خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مولېنار بىلەن بۇ كومىتېتنىڭ نوپۇزلۇق ئەزاسى راجا كىرىشنامورتې فايىرفاكس ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكە مەكتۇپ يېزىپ، ئۇلاردىن خىتاينىڭ DJI تېخنولوگىيە شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئادەمسىز ئۇچقۇلارنى ئىشلىتىشنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

مولېنار بىلەن كرىشنامورتېنىڭ بۇ مەكتۇپنى فايىرفاكس ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە 26-سېنتەبىر ئەۋەتكەنلىكى، مەكتۇپتا DJI نىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇ تېخنىكىسىغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز فايىرفاكس ناھىيەسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشتات ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى ئۆز پۇقرالىرىنى بۇ خىل تەھدىتلەردىن قوغداشتا يېتەرلىك پۇرسەت-ئىمكانلارغا ئىگە دەپ ئىشىنىمىز».

كونكرېت سانلىق ئىستاتىستىكىسى ئېنىق بولمىسىمۇ، فايىرفاكس ناھىيەسىنىڭ ئامېرىكادا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ناھىيە ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي جەھەتتە ئاكتىپ نوپۇس ئىكەنلىكى مەلۇم. «شىمالىي ۋىرجىنىيە ئىچكى خەۋەرلىرى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، مولېنار بىلەن كرىشنامورتې بۇ مەكتۇپتا يەنە ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى DJI دىن ئەندىشە قىلىپ كەلگەنلىكى، 2019-يىلى ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي ئىشلەپچىقارغان ئادەمسىز ئۇچقۇلارنىڭ ئامېرىكانىڭ نازۇك سانلىق مەلۇماتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ DJI ئىشلەپچىقارغان ئادەمسىز ئۇچقۇلارنى سېتىۋېلىشنى چەكلىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ھالبۇكى، 2020-يىلى DJI خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشى ۋە DNA ئەۋرىشكىلىرىنى توپلاپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ كەڭ كۆلەملىك دەپسەندە قىلىنىشىغا، بولۇپمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىغا ياردەم قىلىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.