ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە فېنتانىلغا قارشى قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى جون مۇلىنار (John Moolenaar) ۋە ھەيئەت ئەزالىرىدىن راجا كىرىشنامورسى (Raja Krishnamoorthi) 17-دېكابىر كۈنى ئىككى پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ مەھسۇلى بولغان يېڭى قانۇن لايىھەلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ فېنتانىل ئەتكەسچىلىكىدىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ قېتىم ئۈچ قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلاردا ئېيتىلىشىچە خىتاي كومپارتىيەسى ئامېرىكا چېگراسىدىن قانۇنسىز رەۋىشتە ئېقىپ كىرىۋاتقان فېنتانىل مەھسۇلاتلىرىغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئۇلار غەرەزلىك ھالدا فېنتانىلنى زور مىقداردا پىششىقلاپ ئىشلەش، سىرتقا يۆتكەش ۋە ئامېرىكا چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ھەر يىلى يۈز مىڭغا يېقىن ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولۇپ كەلگەن. بۇ قانۇن لايىھەلىرى بولسا ئامېرىكا قانۇن ساھەسىنىڭ بۇ ساھەدىكى خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە ئىجرا قىلىش، خىتاينى بازا قىلغان زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە تېخىمۇ قاتتىق جازا بېرىش، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە چېتىلىدىغان خىتاي پاراخوتلىرىغا قويۇلىدىغان جەرىمانە مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ قانۇن لايىھەلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز يېقىندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ غەرەزلىك ھالدا ئامېرىكا بازىرىغا فېنتانىلنى تۆكمە قىلىش ئارقىلىق، يېڭى كىرىزىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنىڭ يېڭى ئىسپاتلىرىنى قولغا چۈشۈردۇق. خىتاي ھازىر مۇشۇ خىلدىكى فېنتانىل ئەتكەسچىلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش، ئۇلارنى مۇكاپاتلاش ۋە قانات ئاستىغا ئېلىش ئارقىلىق دۆلىتىمىزدە فېنتانىل بوھرانى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار شۇ ئارقىلىق بىزنى ۋەيران قىلىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.»

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 18-دېكابىر ئېلان قىلىنغان فېنتانىل ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا تەۋەسىگە ئەتكەسچىلىك يولى ئارقىلىق كىرىۋاتقان فېنتانىلنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مېكسىكا ئارقىلىق توشۇپ كېلىنمەكتە ئىكەن. بۇنىڭدا «بىر كۆزىنى قىسىۋېلىش» ۋە غايەت زور پارا بېرىش ئاساسلىق ۋاسىتە بولۇپ كەلگەن.