خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى قىرغىقىغا قارىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ خىتاينىڭ «ئىشىك ئالدىغا» ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ئامېرىكانىڭ «ھەپتىلىك خەۋەرلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىز قىرغىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىن «قاتتىق ئەندىشە» قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى قىرغىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ خىتاي زېمىنىنى زەربە بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى جەنۇبىي دېڭىزدىكى خىتاي بىلەن دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلىرى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان فىلىپپىنغا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغان.
ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرەپ بۇ ئاي داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي مانېۋىرنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە فىلىپپىننىڭ شىمالىغا ئوتتۇرا مۇساپىلىك ئىقتىدار ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى «تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ ماختىغان.
«تەيفېڭ بورىنى» (Typhon) دەپ ئاتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئۆلچەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا (the Standard Missile 6) ۋە توماخاۋك (Tomahawk) قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلىش بومبىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كېيىنكىسى يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇپ، مەشغۇلات مۇساپىسى 1609.344 كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن. بۇ بومبىلار جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى خىتاي كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا شۇنداقلا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ھەربىي بازىلارغا يېتىپ بارالايدىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئامېرىكانىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ۋە شۇنىڭدەك يەنە بىر تەرەپلىمە ھەربىي ئەۋزەللىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى خىتاينىڭ ئىشىك ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ».
ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ باياناتچىسى كاپىتان رىيان دېبوي (Capt. Ryan DeBooy) نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش «بۇ يىلقى مانېۋىرنىڭ مۇھىم مەزمۇنى» بولۇپ، «فىلىپپىننىڭ دېڭىز مۇداپىئە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا-فىلىپپىن ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشچانلىقى ۋە تەييارلىقىنى كۈچەيتىدىكەن».