ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە ئەلچىخانىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قىلغان چاقىرىقى خىتاينى نارازى قىلدى

ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە ئەلچىخانىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋۇگەننى قويۇۋېتىش ھەققىدە قىلغان چاقىرىقى خىتاينى نارازى قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا يۇقىرىدىكى بۇ ئىككى دۆلەت ئەلچىخانىلىرىنىڭ «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق» دەپ ئىنكاس قايتۇردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سوتى سەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى، تەنقىدچى ۋۇگەننى «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋۇ گەنگە ئارتىلغان جىنايەتنى بىكار قىلىپ، ئۇنى ئازاد قىلىشقا چاقىرغان. ئىككى دۆلەت بىرلەشمە باياناتىدا يەنە مۇنداق دېگەن:

«بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى ۋە ئادۋوكاتلارنى قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلەندۈرىدىغان بىر ھەمكارلاشقۇچى، دەپ قاراشقا چاقىرىمىز»

بىراق، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە، خىتاينىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرىدىكى دۆلەت ئەلچىخانىلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئەيىبلەش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋۇگەن بولسا سوتتىن كېيىن ئادۋوكاتى ئارقىلىق قىلغان باياناتىدا: «دىكتاتور ھاكىمىيەتنى تەنقىد قىلىش دېمەك ئاللىقاچان تۈرمىگە بارىدىغان يولغا چىققانلىق دېمەك. مەن بۇ يولنى بىلىپ تۇرۇپ تاللىدىم ئەمما مەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلىمەن» دېگەن.