ئامېرىكا بىلەن گوللاندىيە خىتايغا ئۆزەك ئېكسپورت قىلىشنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەشنى قارار قىلغان

ئامېرىكا بىلەن گوللاندىيە بۇ يىل يازدىن باشلاپ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەشنى قارار قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن گوللاندىيەنىڭ بۇ يىل يازدىن باشلاپ خىتاي ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىغا قارىتا ئۆزەك ئېكسپورتىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەشنى قارار قىلىشى، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرنىڭ تېخنولوگىيەسىدىن پايدىلىنىپ، ھەربىي كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىنى چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. خەۋەردە، گوللاندىيە ئۆزىنىڭ بۇ ساھەدىكى داڭلىق ئاۋانگارت شىركەتلىرىدىن ASML ۋە باشقا شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا بەزى ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلەشنى پىلانلاۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا بەزى نۇقتىلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ گوللاندىيەدىن ئۆزەك ئەسۋابلىرىغا ئېرىشىشىگە تېخىمۇ كەڭ چەكلىمە قويۇشقا كىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا خىتاينىڭ ۋىدېيولىق نازارەت قىلىش ئەسۋابلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ كارخانىلىرىدىن «تيەندى شىركىتى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 دىن ئارتۇق شىركەتنى قارا تىزىملىككە ئالغان. «تيەندى شىركىتى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت» ئېلىپ بېرىشىغا ھەمكارلىشىش، شۇنداقلا ئىراننى ئامېرىكادىن ئېرىشكەن تېخنىكىلىق ئەسۋابلار تەمىنلەپ، ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۈ ئامېرىكانىڭ بۇ قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنى «غەرەزلىك قامال قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارغا كاشىلا چىقىرىۋاتقانلىقى، كارخانىلارنى كۆچۈشكە ۋە مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ «بۇ تەرەققىياتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى ھەم مەنپەئەتنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقى»نى ئېيتقان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، گوللاندىيە 30-ئىيۇن گوللاندىيە شىركەتلىرىنىڭ بەزى ئۆزەك ئەسۋابلىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشى ئۈچۈن ئايرىم رۇخسەت ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان يېڭى بەلگىلىمە چىقارغان.