ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تىنچ ئوكيان قوماندانى خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان

ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ ئادمىرالى فىل داۋىدسون ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

«ۋول-سىترىت ژۇرنىلى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئادمىرال فىل داۋىدسون ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا مەخسۇس مەكتۇپ يوللاپ، دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن تىنچ ئوكيان قوماندانلىق قىسىملىرى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان 2020-يىللىق مەبلەغىنىڭ بېيجىڭغا تاقابىل تۇرۇشتا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مەكتۇپىدا بولۇپمۇ ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ دېڭىزدىكى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش، مۇداپىيە خىزمەتلىرى ۋە رايوندىكى شېرىك دۆلەتلەرنى جىددىي ياردەم بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى مەبلىغىنى جىددىي تولۇقلاشنى تەلەپ قىلغان.

«ۋول-سىرىت ژۇرنىلى» نىڭ بايان قىلىشىچە، يۇقىرىقى مەكتۇپ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زورىيىۋاتقان كېڭەيمىچىلىكى ۋە مۇشتۇمزورلۇقىغا بولغان دىققىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئالدىنقى ئايدا فىلىپپىندىكى زىيارىتى مەزگىلىدە قىلغان سۆزىدە ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا توسالغۇ بولۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.