ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس جۈمە كۈنى شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى ھەربىي كۈچ بىلەن ھەل قىلىشىنىڭ بەك تراگېدىيەلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بىز مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىمىز. ئەگەرمەسىلىنى ھەربىي كۈچ بىلەن ھەل قىلىش يولى تاللانسا، بۇ ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان دەرىجىدە تراگېدىيەلىك بولىدۇ.»
ئۇ، نۆۋەتتە ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە خىتاي قاتارلىق ئەللەر بىلەن بىرلىكتە ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە، شىمالىي كورېيە ئۆتكەن ھەپتە ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ، ئۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا دىققەت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان. سىناقنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، شىمالىي كورېيە ئاپرېلنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق بومبا سىنىقى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان ئىدى.
شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۆزنىڭ ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى-THAAD يەنى «يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئە تېرمىنالى» نى جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا يەنە ئۆزىنىڭ رونالد رېگان ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى پەيشەنبە كۈنى ياپونىيە يوكۇسۇكا دېڭىز ئارمىيە بازىسىدىن جەنۇبىي كورېيەدىكى ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىشقا يوللىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا مەزكۇر مانۋېرغا يەنە ياپونىيەدىكى يادرو ماتورلۇق ئاۋىئاماتكىسىنى يوللىغان ئىدى.
ئەنگلىيە ئېكسپرېس گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كارلس ۋىنسون ناملىق ئاۋىئاماتكىسى جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ كەلگەن ھامان ھەربىي مانېۋىرنى باشلايدىكەن.