ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ مىچىگان ئىشتاتىدىكى بىر ھەربىي بازىسىنى سۈرەتكە تارتىپ، بۇنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان بەش خىتاي ئوقۇغۇچىسىنى ئەيىبلىگەن. «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى 3-ئۆكتەبىر كۈنى مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان بۇ بەش خىتاي پۇقراسى ئۈستىدىن رەسمىي ئەيىبنامە سۇنغان. خەۋەردە، بۇ بەش خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ 2023-يىلى 8-ئاينىڭ بىر كېچىسى، مىچىگان ئىشتاتىدىكى گرېيلىڭ ھەربىي بازىسى ئەتراپىدا تۇتۇلۇپ قالغانلىقى، ئەينى ۋاقىتتا بازىدا ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئەينى ۋاقىتتا بۇ بەش خىتاي ئوقۇغۇچى ھېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۇلارنى تەكشۈرگۈچىلەرگە يالغانچىلىق قىلىش، تېلېفونىدىكى تارتىلغان سۈرەتلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىش سۇيىقەستى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىگەن.
«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېتروئىت رايونلۇق فېدېراتسىيە تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى گىنا بالايا «ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ تۇتقۇندا ئەمەسلىكى، ئەمما ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلاشمىسا، قولغا ئېلىنىدىغانلىقى ۋە سوتلىنىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. خەۋەردە، بەش خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ 2023-يىلى ياز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر يېرىم كېچىسى، بىر كۆل ئەتراپىدا يۇتاھ ئىشتاتلىق مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنىڭ ھەربىي خادىمىغا ئۇچراپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنى «بىز مۇخبىر» دەپ تونۇشتۇرغانلىقى، ئەمما فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئۇلارنىڭ گرېيلىڭ ھەربىي بازىسى ئەتراپىدىن بىر ھەپتىلىك ياتاق كىرالاپ تۇرغانلىقىنى بايقىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» نىڭ ئېيتىشىچە، شۇنىڭدىن تۆت ئاي كېيىن، بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى چېگرادىن چىقىشتا، سوراقچىلارغا ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ شىمالى مىچىگانغا «يۇلتۇزلارنىڭ ئېقىشىنى كۆرۈشكە بارغانلىقى» نى ئېيتقان. ئەمما فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۇنىڭ قاتتىق دېتال دىسكىسىدىن شۇ كېچىسى تارتىلغان ئىككى ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى تاپقان. خەۋەرلەردە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ قالغان تۆت خىتاي ئوقۇغۇچىنىمۇ سوراق قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭمۇ شىمالى مىچىگانغا «بىز مېتىئورىتنىڭ يېغىشى» نى كۆرۈشكە بارغان دەپ تۇرۇۋالغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.