يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھىندىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ھەربىي قورال-ياراق، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك ۋە تەقلىدىي ئەقىل قاتارلىق ساھەلەردە خىتايغا قارشى رىقابەتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئەھۋال دەل ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن نۆۋەتتە ئۈمىد قىلىۋاتقان ئىشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 31-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقساراي تېخىمۇ كۆپ غەرب كۆچمە تېلېفون تورىنىڭ ھىندىستاندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىنى، شۇ ئارقىلىق خىتايدىكى خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ مونوپوللۇقىغا تاقابىل تۇرۇشنى كۆزلىگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن بايدىن ھۆكۈمىتى ھىندىستاندىن تېخىمۇ كۆپ ساندىكى ئۆزەك (chip) مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆچمەن بولۇپ كېلىشىگە ھەمدە ئىككى تەرەپ كارخانىلىرى ئارىسىدا تەقلىدىي ئەقىل ساھەسىدىكى تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنىڭ بارلىققا كېلىشىگە يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن كوميۇتېر مۇتەخەسىسلىرىگە قويۇلغان ئىلگىرىكى ۋىزا چەكلىمىسى بىكار قىلىنىدۇ، دەپ قارىلىشقا باشلىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان (Jake Sullivan) 1-فېۋرالدا ھىندىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئاجىت دوۋال (Ajit Doval) بىلەن ئاق سارايدا سۆھبەتلەشكەندە «ھازىر خىتاي ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان ئەڭ چوڭ خىرىس ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى ھەمدە ھۇجۇم خاراكتېرلىك ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكلىرى بولماقتا. بىز بۇ مەسىلىدە ھىندىستان بىلەن زىچ ھەمكارلىشىمىز» دېگەن.