ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقىنىڭ يول خەرىتىسى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان

ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ كەلگۈسى بىر قانچە يىللىق ھەمكارلىق يول خەرىتىسى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدىكەن. ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان 5-ئىيۇن كۈنى مۇداپىئە سانائىتىدىكى كەلگۈسى ھەمكارلىق يول خەرىتىسى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاشىنگتون ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مەزكۇر دېموكراتىك دۆلەت بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك ھەربىي ۋە تېخنىكا ئالاقىسىنى ساقلاش خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا تاقابىل تۇرۇشتا ھالقىلىق ئامىل، دەپ قارىماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ ھەربىي سانائەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىم ھىندىستاننىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونى بىلەن بولغان چېگراسىدا خىتاينىڭ بېسىمى بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان، بولۇپمۇ خىتاي ئۇيغۇر رايونىنىڭ لاداق بىلەن بولغان چېگرا رايونلىرىدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر شارائىتتا ھاسىل قىلىنغان. ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جايشانكار، ھىندىستان خىتاينىڭ ئىككى دۆلەت چېگراسىنىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى بىر تەرەپلىمىلىك ئۆزگەرتىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي ۋە ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ 2020-يىلى گالۋان ۋادىسىدىكى ئاقسايچىندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 20 ھىندىستان ئەسكىرى ۋە ئاز دېگەندە 4 خىتاي ئەسكىرى ئۆلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا-ھىندىستان مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق يول خەرىتىسى كېلىشىمى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لىلويد ئائۇستېن بىلەن ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىڭ ئارىسىدىكى سۆھبەتتە ھاسىل قىلىنغان. بۇ كېلىشىمنىڭ ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى 22-ئىيۇن كۈنى ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولۇپ، پرېزىدېنت بايدېن بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن ھاسىل قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى. مەلۇم بولۇشىچە، كېلىشىم ھىندىستاننى بەزى ئىلغار تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.