24-نويابىر كۈنى ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت 6 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى جەنۋەدە ئىران بىلەن ئۇران تاۋلاشنى چەكلەش مەسىلىسى بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا مىقيادا ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ كېلىشىمگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ «مۇھىم قەدەم» ئىكەنلىكنى كۆرسەتكەن ئىدى.
مەزكۇر كېلىشىمدە ئىراننىڭ ئالتە ئايلىق مۆھلەت ئىچىدە ئۇران تاۋلاشنى توختىتىشى ۋە ئىككىنچى قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك مەسىلە ھەل قىلىش كېلىشىمى تۈزۈش قارار قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كېلىشىم ھەققىدە ئىران تەرەپ بىلەن ئامېرىكىنىڭ چۈشەندۇرۈشىدە پەرقلىق تەرەپلەر كۆرۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران پرېزىدېنتى روھانىي ئىراننىڭ دۇنيانىڭ چوڭ دۆلەتلىرى بىلەن تۈزگەن مەزكۇر كېلىشىمىنىڭ ئابىدىلىك ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە بۇ كېلىشىمنىڭ ئىراننىڭ يادرو ھوقۇقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە خەلقئارالىق ئىمبارگونىڭ توختىلىشىنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئەمما، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن مەزكۇر كېلىشىم ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، «ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ھوقۇقى يوق. بىز ئۇلارنىڭ ئۇران تاۋلاش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايمىز. يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىدە بېكىتىلگەندەك، بۇ ناھايىتى ئېنىق، ئىراننىڭ ئۇرنا تاۋلاش ھوقۇقى يوق» دەپ كۆرسەتكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە رەھبىرى بېنجامىن نېتانياخۇ مەزكۇر كېلىشىمنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى «تارىخىي خاتالىق» دەپ ئاتىغان.
پرېزىدېنت ئوباما نېتانياخۇ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى ۋەدىسىدىن ھەرگىز تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ ئىراننىڭ مەقسىتىگە نىسبەتەن گۇمانى قاراشتا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغىانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىران بىلەن ئالتە دۆلەتنىڭ يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى زور ئىلگىرىلەش بولۇپ، بۇ ھەم ئامېرىكا بىلەن ئىران ئارىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق كېلىشىم ھېسابلىنىدىكەن.
فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 25-نويابىر كۈنى، ئىراننىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن كېلىشىمگە كەلگەنلىكى ئۈچۈن 12-ئايدىن باشلاپ، ئىرانغا قاراتقان بىر قىسىم ئىمبارگولارنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.