ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى شەنبە كۈنى ئىراقنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكا - ئىراق دائىرىلىرىنىڭ ئىسلام دۆلىتى جىھادچىلىرىغا قارىشى ھەرىكەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھەربىي شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مارتىن دەمپسەينىڭ ئىراقنى زىيارىتى ئامېرىكا دائىرىلىرى ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشىنى قارار قىلغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، دەمپسەي يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىرقتا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىمۇ زىيارەت قىلغان.
ئوتكەن ھەپتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئىرققا يەنە 1500 كىشىلىك قوشۇن يۆتكەشنى قارار قىلىپ، ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى 3 مىڭغا يەتكۈزگەن ئىدى.
ئاتالمىش ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ بىر قىسىم زېمىنلىرىنى ئىگىلەپ، باغدات ۋە سۈرىيەدىكى قەبىلىلەرگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا بۇ يىل ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئىسلام دۆلىتى جىھادچىلىرىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ھاۋادىن بومبىلاشقا باشلىغان.
ھالبۇكى، ھاۋادىن بومبىلاش كۈتكەندەك ئۇنۇم بەرمىگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئىراققا دېڭىز ئارمىيە پىيادىلىرىنى كىرگۈزۈشنى پىلان قىلغان.
نۆۋەتتە ئىراققا يۆتكەلگەن ئامېرىكا قىسىملىرى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغان بولۇپ، ئۇلار پەقەت ئىراق قىسىملىرىغا ھەربىي مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىكەن.