ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى خىتاي بىلەن ئىختىلاپتىكى جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
2024.08.07
ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ كانادا، ئاۋسترالىيە، فىلىپپىن قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرى 7-ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى، ئىگىلىك ھوقۇقى خىتاي بىلەن تالاش-تارتىشتىكى جەنۇبىي دېڭىزدا ئىككى كۈنلۈك ھاۋا ھەم دېڭىز ئارمىيە بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپى كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان بۇ رايوندا، خەلقئارا قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان. مەزكۇر بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا قارىتا خىتاينىڭمۇ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا خىتاي تەرەپ «خۇاڭيەن ئارىلى» دەپ ئاتاۋاتقان سكاربورو تاقىم ئارىلى ئەتراپىدا ھاۋا ۋە دېڭىز ھەربىي مەشقى ئېلىپ بارغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. سكاربورو ئارىلى خىتاينىڭ خەينەن ئۆلكىسىگە 900 كىلومېتىر، فىلىپپىنغا 240 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بۇ رايون خىتاي بىلەن فىلىپپىننىڭ ھەر ئىككىسى ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرىدۇر.
خەلقئارا سوت مەھكىمىسى 2016-يىلى كېسىم چىقىرىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنىڭ ھېچقانداق «قانۇنى ئاساسى يوقلۇقى» نى ئېلان قىلغان. لېكىن خىتاي خەلقئارا سوتنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى، ئادمىرال سامۇئېل پاپارو، شۇنداقلا كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە فىلىپپىننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي، مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا بۇ دۆلەتلەرنىڭ مانېۋىر ئارقىلىق «دېڭىزدىكى ئورتاق خىرىسقا تەڭ تاقابىل تۇرۇش ۋە خەلقئارا قانۇن ھەم قانۇن ئاساسىدىكى تەرتىپنى قوغداش ئورتاق نىيىتىنى نامايان قىلغانلىقى» نى ئېيتقان. ھالبۇكى، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي ئۇرۇش رايونى قوماندانلىق ئىشتابى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بۇ قېتىملىق ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيە مەشقىنىڭ رازۋېدكا قىلىش، سىگنال بېرىش، تېز ھەرىكەت قىلىش، بىرلەشمە زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقى، ئەمما «جەنۇبىي دېڭىزنى قالايمىقان قىلىدىغان، قىزىق نۇقتا پەيدا قىلىدىغان، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ كونتروللۇق ئاستىدا» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ھەربىي قوماندانلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ بىرلەشمە مانېۋىر «خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن شەكىلدە، دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى كۆزدە تۇتۇلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلماقتا» ئىكەن.