ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كامبودژاغا بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىرماقتا.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 28-ئىيۇل كۈنى كامبودژادا سايلام ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئەمما ھازىر يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم ۋەقەلەردىن قارىغاندا، 28 يىلدىن بېرى باش مىنىستىر بولۇپ كېلىۋاتقان خۇنسەننىڭ ھوقۇق مۇددىتىنى يەنە ئۇزارتىپ، تەختتىن چۈشمەسلىك ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن. شۇڭا يۇقىرىدىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەسكەرتىپ، خۇنسەن ھەقىقەتەن شۇنداق قىلغان تەقدىردە، ئامېرىكا كامبودژاغا يىلدا بېرىۋاتقان 70 مىليون دوللار ياردەمنى دەرھال توختىتىشى كېرەك، دېگەن.
ئۇلار يەنە، ئامېرىكا كامبودژانىڭ سەھىيە خىزمەتلىرىنى ياخشىلاش، نامراتلارنى يۆلەش ۋە ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولمىغان مۇستەقىل ئورگانلارنى يۆلەش ئۈچۈن بېرىۋاتقان بۇ ياردەملىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تېگىشلىك جايىغا بارمايۋاتقانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كامبودژا باش مىنىستىرى خۇنسەننىڭ سىياسىي كۈچى 2008-يىلىدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللىشىغا ئېرىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
كامبودژا ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 12-ئايدا 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇندىن كېيىن كامبودژاغا بېرىۋاتقان ھەربىي ياردەمنى توختاتقاندىن سىرت، كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ 330 مىليون دوللارلىق قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىش تەلىپىنىمۇ رەت قىلغان ئىدى. گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە بۇنىڭغا كامبودژانىڭ ئامېرىكىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.