ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كامىلە ۋاھىتنى قويۇپ بېرىشكە تەكرار چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى تىۋىتتېر (X) دا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆتكەن يىل 12-ئايدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان كامىلە ۋاھىتنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تىۋىتتېردا ئېلان قىلىنغان بۇ چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈن كامىلە ۋاھىتنىڭ 20 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى. بۇ قۇتلۇق كۈننى ئۇ تۈرمىدە ئەمەس، بەلكى ئۆز ئائىلىسى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتتىكى دوستلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى. بىز خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنى كامىلەنىڭ ئىنسانلىق ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا، ناھەق قامالغان كىشىلەرنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز» .

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كامىلە ۋاھىتنىڭ تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 20-كۈنى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تىۋىتتېردا مەخسۇس يازما ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن كامىلە ۋاھىتنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرغانىدى.

رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ ئېنىقلىشىچە، كامىلە ۋاھىت خېنەندىكى شاڭچيۇ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، 2022-يىلى12-دېكابىر قولغا ئېلىنغان ۋە ‹ئاشقۇنلۇقنى تەرغىب قىلىش› جىنايىتى بىلەن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. كامىلە ۋاھىت خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى بولغان ئۈندىداردا خىتايدىكى نامايىش توغرىسىدىكى سىن كۆرۈنۈشىنى ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغان بولۇپ، ھازىر قەشقەردىكى مۇش ئاياللار تۈرمىسىدە قاماقلىق ئىكەن.

ئۆتكەن يىل 11-ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى پاجىئەسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى ۋە خىتاينىڭ 10 نەچچە شەھىرىدە «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامال سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ نامايىشقا قاتناشقان خىتاي ياشلىرىنىڭ تۇتۇلۇپ سوراق قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى كامىلە ۋاھىتنى «نامايىش ھەققىدە ۋىدىيو تارقاتتى» دېگەن ئەرزىمەس باھانە بىلەن ئېغىر جازالىغان.

بۇ يىل 8-ئاينىڭ 25-كۈنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كامىلە ۋاھىت ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئۇلار باياناتىدا، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ جەمئىيەتتە بولۇۋاتقان ئىشلارغا پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەگەر ئىپادىلەپ قالسا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھەق ۋە ئېغىر ئۇسۇلدا جازالىنىدىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنىدى.